" بىلقۇت تورى
ئەپ ياساش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدۇ!

ياخشىمۇسىلەر بىلقۇتداشلار!
كۆپىنچە بۇرادەرلەرنىڭ ئىجادى قابىلىيىتى بولسىمۇ جارى قىلدۇراممىغان بولىشى مۇمكىن، بىز بىلقۇتتا بىر مەيدان ئەپ ياساش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمەكچى،قاتنىشىدىغانلار ھازىردىن باشلاپ ياساشنى باشىلىساڭلار بولىدۇ.
قاتنىشىش شەرتلىرى:
1.بىلقۇت تورىنىڭ ئەزاسى بولۇش
2.يىڭى ياسالغان ئەپ بولۇش
3.قانۇنلۇق ئەپ بولۇش
4.قاتناشقۇچى ئۆزى ياسىغان بولۇش

مۇسابىقە ۋاقتى 2020-يىلى1-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە،قاتناشقۇچىلار چوقۇم 29-چىسلادىن بۇرۇن ئەپنى بىلقۇتقا يوللاپ بولىشى كىرەك!
مۇسابىقىگە قاتناشتۇرىدىغان ئەپنى بىلقۇتقا تىما شەكلىدە يوللاپ كەينىگە [مۇسابىقىگە]
دەپ ئەسكەرتىپ قويسا بولىدۇ.

ئەپ يوللانغاندىن كىيىن ئەزالار ئىنكاس ئارقىلىق بىلەت تاشلىسا بولىدۇ. بىر ئەزا ئىككى قېتىملا بىلەت تاشلاشقا بولىدۇ،ئىككى قېتىمدىن ئېشىپ كەتكىنى ئىناۋەتسىز.
مۇسابىقە مۇكاپات سوممىسى:(بىرلىكى :بىلقۇت تەڭگىسى )
1.10000
2.1000
3.100
4.10
5.1

مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار تىما ئاستىغا ئىنكاس يېزىپ قويساڭلا بولىدۇ.
ئەپ تۈرى چەكلەنمەيدۇ.


BilQut 2020-01-27-13:19 تەستىقلىغان.