" بىلقۇت تورى
سىغىم يىتىشمىدىمۇ؟يانفۇندىكى قايسى قىسقۇچلارنى ئۆچۈرۈشكە بولىدۇ؟

ئۆچۈرۈشكە بولىدىغانلىرى
1. Alipay

بۇ ھۆججەت قىسقۇچتا ساقلىنىۋاتقىنى يانفوندىكى چىقىم قىلىش ئۇچۇرى ۋە چىقىم قىلىش خاتىرىسى، ئەگەر سىز APP دا ئىشلەتكەن ھېسابات نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرىنى ئېسىڭىزدە ساقلىيالىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىز بۇ ھۆججەتنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈۋەتسىڭىز بولىدۇ.





2.Pictures


3.Tencent

بۇ ھۆججەت قىسقۇچ مەخسۇس تېڭشۈن يۇمشاق دېتالىنىڭ ھەر خىل ھۆججەت ۋە سانلىق مەلۇماتلىرىنى ساقلاشقا ئىشلىتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە ساقلىغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئاپتوماتىك يوللىنىدىغان سانلىق مەلۇماتلار، شۇڭا سىز بۇ يەردىكى بەزى تېڭشۈن يۇمشاق دېتالىدىن قالغان ئەخلەتلەرنى تازىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ، قويۇپ قويسىڭىزمۇ ئىچكى ساقلىغۇچنى ئىگىلەيدۇ، پايدىسى يوق.



4.Documents

بۇ ھۆججەت قىسقۇچتا ساقلىنىۋاتقىنى بىز ئادەتتە يانفوندا تەھرىرلەيدىغان ھۆججەت، ئەگەر مۇھىم ھۆججەت بولمىسا، ئۇنى ئۆچۈرۈۋەتكىلى بولىدۇ، ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر يانفوندا ئىش بېجىرىشكە ئادەتلەنگەن، شۇڭا ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، يانفوندا نۇرغۇن ھۆججەتلەر كۆپىيىپ كېتىدۇ، بەزىلىرى ئىشلىتىلمەيدۇ، ساقلىغۇچنىمۇ ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە ئۆچۈرۈۋەتكىنىمىز ياخشى.





5.Cache

بۇ ھۆججەت قىسقۇچتا ساقلانغان بىر قىسىم يۇمشاق دېتال ئېچىلغاندىن كېيىنكى ساقلاش ئەخلەتلىرى بار، بۇ ھۆججەت قىسقۇچ پات - پات تازىلىنىشى كېرەك، قانداقلا بولمىسۇن، بىز بىر كۈندە ئاچقان يۇمشاق دېتال ۋە ئېچىش قېتىم سانى بىر قەدەر كۆپ، تازىلىمىساق، بۇ ساقلىغۇچلار بىلىپ - بىلمەيلا يانفون ئىچكى ساقلىغۇچ بوشلۇقىنى ئىگىلىۋالىدۇ.




ئۆچۈرگەندە ئىھتىيات قىلىشقا تىگىشلىكى

1.Andriod

بۇ ھۆججەت قىسقۇچىدا ساقلانغان ھۆججەت قىسقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ناھايىتى مۇھىم، چۈنكى بۇ ھۆججەت قىسقۇچلاردا يانفوننىڭ زاۋۇتتىن چىققان ياكى يانفوننىڭ نورمال ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ھۆججەتلەر بار، شۇڭا، بۇ ھۆججەت قىسقۇچتىكى ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرمەسلىك، خاتا ئۆچۈرۈۋەتمەسلىككە دىققەت قىلىش كېرەك.





2.DICM