" بىلقۇت تورى
22-چېسلا ئۈرۈمچىدە بۇ ئىككى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغانلار دىققەت!


ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: 1-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغۇچى بىلەن بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغانلارنى جىددىي ئىزدەش ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى:

ئىگىلىنىشىچە، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار چېن فامىلىلىك، ئەر، 58 ياش، 1-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 13 ئەتراپىدا سېمونت زاۋۇتى ئاممىۋى قاتناش بېكىتىدە 21-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسى (A·A6054) غا ئولتۇرۇپ، چيەنتاڭجياڭ يولى بېكىتىدە ماشىنىدىن چۈشۈپ، سائەت 13 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ياڭگۇاڭ 100 ئالدىدىكى بېكەتتە 51-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسى (A·A5054) غا ئولتۇرۇپ، سائەت 14 ئەتراپىدا ئالتاي سۇ پومپىسى زاۋۇتى بېكىتىدە ماشىنىدىن چۈشكەن.

ھازىر شۇ كۈنى بۇ ئىككى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغان يولۇچىلارغا تۆۋەندىكىلەرنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز:

ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى بىمارى بىلەن ئوخشاش بىر ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ قالغانلىقىڭىز ئۈچۈن، يۇقۇملىنىش خەتىرى بار، سىز ۋە باشقىلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە، تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشىڭىز كېرەك:

1.ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، ۋاقتىنچە سىرتقا چىقماسلىق، 2 ھەپتە كۆزىتىش كېرەك. نورمالسىزلىق بايقالسا دەرھال يېقىن ئەتراپتىكى بەلگىلەنگەن قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىگە بېرىپ داۋالىنىش كېرەك.

2.كېسەل كۆرسىتىشكە بېرىش جەريانىدا، ماسكا تاقىۋېلىش، ئىمكانقەدەر ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ئولتۇرماسلىق كېرەك.

3.تۇرۇشلۇق كوچا مەھەللە، ئورۇن ياكى مېھمانخانا بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشىش، 12345 غا تېلېفون قىلىپ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىزىملىتىش كېرەك!
来源:中央广播电视总台

审稿:尼加提·卡德尔

翻译:奴孜古力

制作:古丽拜克拉木